خىتايدا ياللانما ئوغۇل دوست ئىزدەيدىغان قىزلار ئاۋۇپ كەتتى

خىتايدا يېقىندىن بۇيان مودا بولۇپ، ئەۋجىگە چىققان بۇ چارە «ياللانما ئوغۇل دوست» دەپ ئاتالماقتا.

497495
خىتايدا ياللانما ئوغۇل دوست ئىزدەيدىغان قىزلار ئاۋۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا توي قىلىش مەسىلىسىدە ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان قىزلار بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن غەلىتە بىر چارە تاپتى.

خىتايدا يېقىندىن بۇيان مودا بولۇپ، ئەۋجىگە چىققان بۇ چارە «ياللانما ئوغۇل دوست» دەپ ئاتالماقتا.

ياش قىزلار توي قىلىشقا دائىر بېسىملارنى بۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئائىلىلىرى ۋە يېقىن يورۇقلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇغۇل دوستنى ئىجارىگە ئالىدىغان بولۇپ كەتتى.

خىتايدىكى بۇ يېڭى مودىغا لى چەنشى ئىىسملىك بىر ياش قىزمۇ قاتناشتى.

پايتەخت بېيجىڭدا ئىستىقبالى پارلاق بىر كەسپى بارلىقىنى ۋە ئۆيلىنىش پىلانى  يوقلىقىنى تىلغا ئالغان 27 ياشلىق لى چەنشى، ئۆيلىنىش بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقا بىر شەھەردە ياشاۋاتقان ئائىلىىسنىڭ زىيارىتىگە بېرىشتىن ئىلگىرى يالغاندىن بىر ئوغۇل دوستنى ئىجارىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #مودا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر