ئامېرىكىدا تەييارلىق سايلىمى داۋام قىلماقتا

ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇن باشلانغان نامزات بەلگىلەش رىقابىتى داۋام قىلماقتا.

465284
ئامېرىكىدا تەييارلىق سايلىمى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەممىنىڭ دىققىتى بۈگۈنكى ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەييارلىق سايلاملىرىغا مەركەزلەشتى. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسلامغا قارشى باياناتلىرى بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان دونالد چامپنىڭ، رەقىبى تېد كرۇزغا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. بۇ دونالد چامپنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سايلىمىدا، ئاز ئاۋازغا ئېرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

دېموكراتلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىلىرى، بېرنى ساندېرسنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتونغا قارىغاندا ياخشى پۇرسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بىراق، بېرنى ساندېرس ۋىسكونسىندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسىمۇ، ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلىغاندا ھىلارى كلىنتون يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر