ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر تەئىزنى بومباردىمان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ يەمەننىڭ تەئىز شەھىرىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا 21 ھۇسىي ئۆلتۈرۈلدى.

464128
ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر تەئىزنى بومباردىمان قىلدى
yemen olaylar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئابدۇ رەببۇ مەنسۇر ھادى تەرەپدارى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ھۇجۇملاردا بىر تانكا، بىر ئايروپىلان ئاتار ۋە بىر قورال ئىسكىلاتى يوقىتىپ تاشلانغان.

خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى ھۇسىيلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بەزى جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن رايونغا ئەسكەر توپلاشقا باشلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇسىيلار بىلەن پىرېزىدېنت مەنسۇر ھادى تەرەپدارى كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارمۇ سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا. توقۇنۇشلاردا بىر خەلق ئەسكىرى ئۆلدى، 10 ى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر