مالىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكالەتخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
مالىنىڭ پايتەختىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكالەتخانىسى بىر تۈركۈم قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
456239
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىنىڭ پايتەختى باماكودا ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەربىي قىسىم ۋاكالەتخانىسىنىڭ خادىملىرى قېلىۋاتقان مېھمانخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمدا بىر زورۋان ئۆلدى، ئىككى زوراۋان يارىلاندى.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋانلار مېھمانخانىنىڭ ئالدىدىكى مۇھاپىزەتچىلەرگە ئوق چىقىرىپ، مېھمانخانىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان. مۇھاپىزەتچىلەرمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ زوراۋانلارغا ئوق چىقارغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكالەتخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن بولغان twitter ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ۋاكالەتخانا خادىملىرىدىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.