ياۋروپا ئىتتىپاقى ماكېدونىيەنى مۇساپىرلار سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ماكېدونىيەنى مۇساپىرلارغا چېگرالىرىنى تاقىۋېلىشى سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى.

443975
ياۋروپا ئىتتىپاقى ماكېدونىيەنى مۇساپىرلار سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆچمەنلەرنىڭ مۇھىم بېكەتلىرىدىن بولغان ماكېدونىيەنىڭ، چېگرىلىرىنى سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىق مۇساپىرلارغىلا ئېچىۋېتىپ، باشقا ياقتىن كەلگەن مۇساپىرلارغا تاقىۋېتىش ئارقىلىق مۇساپىرلار سانىنى قىسقارتىۋېتىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كىلود يۇنكېر، نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە-ماكېدونىيە چېگرىسىدىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار كىرىزسى ئۈچۈن گىرېتسىيە بىلەن باشقا بالقان دۆلەتلىرىگە 700 مىليون ياۋرۇلۇق جىددىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن جۇنكېر، كېڭەش باشلىقى دونالد تۇسكنىڭ بالقان دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى، تۈركىيەنىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭەش باشلىقى دونالد تۇسكمۇ، كىرودىيەدىن كېيىن ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، پايتەخت ئۈسكۈپتە پىرىزېدېنت گىيورگ ئىۋانوۋ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار كىرزىسىگە قارشى كۈرەشلەردە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار كىرزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەنى يەنە ياقلىدى.

  1. مېركېل پارتىيەسنىڭ خىرىستىيان دېموكراتلارنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە سۆز قىلدى، ئۇ ياۋروپانىڭ ئىنسانىي قىممەت بايلىقلىرىغا ئىگە چىقىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا قىيىن مۇساپىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. مۇساپىرلار كىرزىسى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە مەسئۇلىيەت ئېلىش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەن مېركېل، گېرمانىيەنىڭ يەر شارىلاشقان دۇنياد تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر