ئىراندا ئىككى مۇھىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئىران خەلقىنىڭ پارلامېنت سايلىمى ۋە دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامەنېينىڭ خەلىپىسى سايلىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

439790
ئىراندا ئىككى مۇھىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 78 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىراندا 290 كىشىلىك پارلامېنت سايلىمى ۋە دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامەنېينىڭ ۋارىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇتەخەسسىس مەجلىسى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پارلامېنت سايلىمىدا 6 مىڭ 300 نامزات رىقابەتلىشىدۇ. دۆلەتتە كونسېرۋاتىپلار بىلەن ئىسلاھاتچىلار ئۆزئارا رىقەبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، سايلام ئىراننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە باھار شامىلى چىقىۋاتقان پەيتلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھاسان رۇھانىنىڭ ئىككى يىللىق ئىزدىنىشتىن كېيىن يادرو كېلىشىمىنى ئىمزالىشى، دۆلەتتە ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلىدى.

مۇتەخەسسىسلەر مەجلىسى سايلىمىدا، 88 پارلامېنت ئەزاسى دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامەنېينىڭ خەلىپىسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، ئىسلاھاتچىلار بىلەن كونسېرۋاتىپلار مۇتەخەسسىسلەر مەجلىسى ئۈچۈنمۇ كەسكىن رىقابەتلىشىدۇ. ئىسلاھاتچىلار بۇ سايلامدا ھازىرقى پىرېزىدېنت ھاسان رۇھانى بىلەن سابىق پىرېزىدېنت رافسانجانىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتتى. كونسېرۋاتىپلار ئايەتۇللاھ جەننەتى بىلەن ئايەتۇللاھ مىسباھ يەزدىنى نامزات كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر