مېكسىكىدىكى بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسياندا 52 تۇتقۇن ئۆلدى
مېكسىكىنىڭ مونتېرېي شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسياندا 52 تۇتقۇن ئۆلدى، 12 كىشى يارىلاندى.
431492
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توپو چىكو تۈرمىسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى مەنسۇپلىرى ئارىلاشقان جېدەل – ماجىرادىن كېيىن ئىسيان چىقتى. ئىسيان جەريانىدا مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى، بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرمىگە ئوت كېتىشتىن بۇرۇن پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان، يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئەندىشىلەنگەن ئاھالىلار بېرىپ، تۈرمىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان. 2012 – يىلىمۇ مونتېرېيدىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان چىقىپ، 44 مەھبۇس قازا قىلغانىدى.