ھىندونېزىيەدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن زىيان كۆرۈلدى
ھىندونېزىيەدە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن زىيان كۆرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەدە مۇسۇل يامغۇلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپىتىدە 7 ئادەم قازا قىلدى.
Antaranews خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غەربىي سۇماترا رايونىدا سۇنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىرغىچە ئۆرلىگەنلىكتىن، مىڭلارچە ئادەم بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.
ئاچې ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن مىڭلارچە ئادەم، ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشتى.
دۆلەتلىك ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئاگېنتلىقى باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇگروھو، سۇماترا رايونىدا ئۆتكەن ھەپتە جۈم كۈنىدىن باشلاپ ئىزچىل يامغۇر يېغىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «رايوندا تەخمىنەن 2000 ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى. مىڭلارچە ئادەمنى بىخەتەر جايغا ماكانلاشتۇردۇق. ئاپەت رايونىدىكى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا.»
ھىندونېزىيەدە بۇلتۇر ئۆكتەبىردە باشلىغان مۇسۇن يامغۇر پەسلىنىڭ مارت ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.