60 دۆلەتنى ئايلىنىپ چىققان خەلقئارالىق سەيياھ تۈركىيەدە

مۇقىم كىرىمى بولمىسىمۇ 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە 1928 – يىلى ئىشلەنگەن ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئۇدا 16 يىلدىن بۇيان دۇنيانى ئايلىنىۋاتقان ئارگېنتىنالىق زاپ ئائىلىسى 60 دۆلەتتىن كېيىن تۈركىيەگە كەلدى.

426853
60 دۆلەتنى ئايلىنىپ چىققان خەلقئارالىق سەيياھ تۈركىيەدە
dünya gezgini

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى بىر ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ ساھىبى دۇيگۇ شارنىڭ ئۆيىدە مېھمان قىلىنغان ھېرمان ۋە كاندېلېرىيا ئىسىملىك ئەر – خوتۇن ئۇزۇن سەپەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ھېرمان زاپ دۆلىتى ئارگېنتىنادا ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، رەپىقىسى كاندېلېرىيانىڭ كاتىپلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇدا 7 يىل ئادەتتىكىدەك ياشىغانلىقلىرىنى، بۇ جەرياندا دائىم سەپەر قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1928 – يىلى ئىشلەنگەن ماشىنىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن سەپەرگە ئاتلانغانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى باشلانغان سەپەرگە چىققانلىقلىرىنى، ئالاسكادا 6 ئاي تۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ھېرمان زاپ، تاپقان - تەرگەن 4 مىڭ دوللارنىڭ ھەممىسىنى شۇ دۆلەتتە تۈگەتكەنلىكلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن پۇل قالمىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىنى ئەسكەرتتى.

ھازىرغىچە 60 دۆلەتنى ئايلىنىپ چىققانلىقلىرىنى، ھەر بىر دۆلەتتە ئوخشىمىغان تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ھېرمان زاپ، «تۈرك خەلقى شۇنداق ياخشى، ياردەمسۆيەر ۋە مېھماندوست ئىكەن. بىزنى ئۆيلىرىدە مېھمان قىلىپ، ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى. ھازىرغىچە گەلىبولۇ، چاناققەلئە ۋە ترۇۋا قاتارلىق جايلارنى ئايلاندۇق. ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ، ئايلىنا – ئايلىنا ئىزمىرغا يېتىپ باردۇق، ئىستانبۇلدا 10 كۈن قالدۇق» دېدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، فەتھىيە، ئانتاليا، كېيىنچە قارسنى ئايلىنىدىغان ئارگېنتىنالىق ئائىلە تۈركىيەدىن كېيىن ياۋروپاغا كېتىدىكەن.

تۈركلەرنىڭ خۇشپېئىل ۋە ئىنتايىن مېھرى ئسسىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن كاندېلېرىيا زاپ، «ئىستانبۇلدا سۇلتانئەھمەت، كاپالىچارشى (ئۈستى يېپىق بازار) ۋە يەرەباتان سارنىجى قاتارلىق جايلارنى ئايلاندۇق، ئىستانبۇل ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل شەھەر ئىكەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر