ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا «ئۇچۇش ۋە يەر بىخەتەرلىكى يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيە ئامېرىكا، ئىسپانىيە ۋە قاتارنىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتاپلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.

410251
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاش كارتېر تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
كارتېر ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە بازىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دائېشقا قارشى تېخىمۇ ئۆتكۈر كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە، دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى، بىر -بىرىگە چېتىشلىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بازىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاش كارتېر بۇ ھەقتە توختىلىپ، دائېشنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە «ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تورلىرىنى بىر بىرىگە چېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئۆتكۈر كۈرەش قىلىش پىكرىنىڭ ئارقىسدىكى ئەھۋاللارنى كۆرىشىمىز لازىم» دېگەن ئىدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئىشلىتىشىگە ئېچىپ بېرىلگەن ئىنجىرلىك بازىسى، كارتېرنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى 4 تەرەپلىك بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلدى.
دائېشنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى نىشانلىرىغا ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۇجۇملاردا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ كوماندانلىق مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا «ئۇچۇش ۋە يەر بىخەتەرلىكى يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا تۈركىيە ئامېرىكا، ئىسپانىيە ۋە قاتارنىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتاپلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.
ئىنجىرلىك بازىسىدا ھەر يىلى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ يىغىندا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىدە مۇتەخەسسىس ھەربىي ئەمەلدارلىرى «ئۇچۇش ۋە يەر بىخەتەرلىكى» تېمىسىدا تەييارلىغان لېكسىيەلىرىنى سۇنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر