ئوباما: دائېشنى يوق قىلىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما دائېشنى يوق قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

402274
ئوباما: دائېشنى يوق قىلىمىز


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دائېشنى يوق قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئاقسارايدىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇپ خەلققە خىتاب قىلغان باراك ئوباما، دائېش ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تېمىلىق نۇتىقىدا مۇھىم سىگناللارنى بەردى.
باراك ئوباما كالىفورنىيە ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پىرىزېدېنت ۋە ئىككى قىز دادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
تېررورىزىمنى تىز پۈكتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان باراك ئوباما «بىزگە زىيان بەرمەكچى بولغان ھەر قانداق گۇرۇھنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز»دېيىش ئارقىلىق، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دائېشقا قارشى ھەربىي كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنىمۇ ئىپادە قىلغان ئوباما «ئۇزۇن ۋە چىقىمى كۆپ بولغان قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا كىرىپ قالماسلىقىمىز لازىم» دېيىش ئارقىلىق، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى ئىستىراتېگىيە سۈپىتىدە كۆرمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
دائېشقا قارشى تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئوباما، خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا دائېشقا تەۋە بازىلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پىرىزېدېنت ئوباما دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيە- سۈرىيە چېگرىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
دائېشنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن پىرىزېدېنت باراك ئوباما، بۇنداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلامنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.
ئوباما مۇسۇلمان تەشكىلاتلار ۋە گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاشقۇن يۈزلىنىشلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئاشقۇنلىشش ھادىسىسىنىڭ نوقۇل ئىسلامىي تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارغىلا خاس ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ دىنىغا قاراپ قوبۇل قىلىشتەك چەتكە قېقىش خاھىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان باراك ئوباما، ئەركىنلىكنىڭ ۋەھىمىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە تېررورىزم ئۈستىدىن چوقۇم غالىپ كېلىمىز.»
شەخسلەرنىڭ قورالسىزلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان باراك ئوباما، مەجلىسنى بۇ جەھەتتە خىزمەت ئىشلەشكە چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر