پۇتىننىڭ ۋەھىمىسى ۋە سۈرىيە ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسى

پۇتىن نېمە ئۈچۈن سۈرىيەدىكى بەزى جايلارنى بومباردىمان قىىلدۇ؟

397966
پۇتىننىڭ ۋەھىمىسى ۋە سۈرىيە ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسى

پۇتىننىڭ سۈرىيەدە ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كىرىملىرى 450 مىلياردتىن دوللاردىن 230 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان پۇتىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى لىنىيەلىرىنىڭ ئاق دېڭىزغا باغلىنىشىغا توسالغۇ بولۇش ئارقىلىق، رۇسىيەنى ھازىرقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا.
دائېش-ئەسەد-رۇسىيە ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبىمۇ تامامەن ئايدىڭلاشقان بولدى. رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دائېشقا زەربە بېرىش باھانىسى بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. رۇسىيە 2012-يىلى 450 مىليارد دوللارغا يەتكەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كىرىملىرىنىڭ 230 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قېلىشىدىن كېيىن يېڭى تەدبىر ۋە تاكتىكىلارنى يولغا قويماقتا. بىرىنچى نىشان دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدا چىقىملارنى تۆۋەنلىتىشتە ئىشقا يارايدىغان ئوتتۇراشەرقتىكى لىنىيەلەرنىڭ ئاق دېڭىزغا باغلىنىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر. ئېكسپورت كىرىملىرىنىڭ %70نى نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن قىلىدىغان پۇتىننىڭ دۆلەت كىرىملىرىدىكى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەشتىن كېيىن ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇققا پېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى ۋە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 15 يىلدىن بۇيان رۇسىيەنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان پۇتىن ئېنېرگىيە كىرىملىرىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى كۆزلەيدۇ. 2000-يىلدا 33 مىليارد دوللار بولغان رۇسىيەنىڭ يىللىق نېفىت ئېكسپورت كىرىمى 2011-يىلى 198 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتتى. 2014-يىلى 184 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى، 2015-يىلى يانۋاردىن سېنتەبىرغىچە بولغان مەزگىلدە رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتىدىن قىلغان كىرىمى يەنە 69 مىليارد 500 مىليون دوللار تۆۋەنلەپ كەتتى. 2000-يىلى 28 دوللار بولغان بىرېنت نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 2012-يىلى 111 دوللارغا چىققان ئىدى. رۇسىيە خامچوت كىرىملىرىنىڭ 12 تىرىليون 800 مىليارد رۇبلىنىڭ يېرىمىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كىرىملىرىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
رۇسىيەنىڭ مەقسىتى ئاق دېڭىز لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش
كېيىنكى يىللاردىكى سۈركىلىشلەردىن كېيىن، نېفىت باھالىرىنىڭ يەنە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 30 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشىغا دائىر ئانالىزلار قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋالدا رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىگە پېتىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. نېفىت باھاسى 10 دوللار تۆۋەنلەپ كەتكەن تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ تاشقى پىرۇۋۇت كىرىملىرى يەنە 20 مىليارد دوللار تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەنقەرە سانائەت ئۇيۇشمىسى باشلىقى نۇرەتتىن ۆزدەبىر «تۈركىيە دائېشتىن نېفىت سېتىۋالماقتا»دېگەن ئاساسسىز قاراشلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «رايوندا پەقەتلا قول تېگىپ باقمىغان نۇرغۇن نېفىت ۋەتەبىئىي گاز زاپىسى بار. بۇلارنى ياۋروپا بازارلىرىغا توشۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاق دېڭىزدىن چوقۇم ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىرىسى سۈرىيەدىن ، يەنە بىرى تۈركىيەدىن ئۆتۈشى مۇمكىن. ئۇ جايدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئاق دېڭىزغا توشۇلۇشى دېگەنلىك رۇسىيە ئىقتىسادىغا زور تەھدىت دېگەنلىك بولىدۇ. ۋارىل باھاسى 5 دوللار بولغان بۇ نېفىت باھاسى 45-50 دوللار بولغان رۇسىيە نېفىتى بىلەن رىقابەتكە كىرىپ قالسا ھىدروكاربون كىرىملىرى جەھەتتىن رۇسىيە ئىقتىسادىي خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. رۇسىيە شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.»
رۇسىيە ئىقتىسادىي 2016-يىلدا خەتەرلىك ئەھۋالدا
نېفىت باھاسىدىكى تۆۋەنلەش غەربلىك دۆلەتلەرنىڭ ئېمبارگولىرى ۋە رۇسىيەگە سېلىنما ئېقىشىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان رۇس ئىقتىسادىي ئۈچۈن 2016-يىلنىڭمۇ ناھايىتى تەستە ئۆتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. 2015-يىلنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە %2.2 چېكىنگەن رۇسىيە ئىقتىسادىي، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى چەرىكىدە %4.1 تۆۋەنلەپ كەتتى. كېلەر يىلى رۇس ئىقتىسادىنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق موسكوۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا ئىقتىسادىي بۆلۈمى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئالېكساندېر بۇلاتوۋ، 2016-يىلنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىي ئۈچۈن پارلاق يىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر