رۇسىيەنىڭ سۇرىيە ھەرىكىتى پۇتىنىزمنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ باشلىنىشىمۇ؟

كولبېرت كىڭ، «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى موسكۋادا قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويۇشى ۋە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سىياسىي ھاياتىغا خاتىمە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن» دېدى.

395898
رۇسىيەنىڭ سۇرىيە ھەرىكىتى پۇتىنىزمنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ باشلىنىشىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق گېزىتى ۋاشىنگتون پوچتىسىنىڭ يازغۇچىسى كولبېرت كىڭ، «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى موسكۋادا قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويۇشى ۋە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سىياسىي ھاياتىغا خاتىمە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن» دېدى.

كولبېرت كىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە ماقالىسىنى قەلەمگە ئالدى. «سۈرىيە پۇتىنىزمنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ باشلىنىشىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، رۇسىيەنىڭ بىر تەرەپتىن ‹ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىچىدە ئىكەنلىكى›، يەنە بىر تەرەپتىن ‹ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاجىز ۋە تەلۋە ئىتتىپاقدېشى سۈرىيەدىكى ئەسەد تۈزۈمى› نى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ماقالىدە، رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ مىسىردا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش يولى بىلەن دائېش تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىشى ۋە 224 يولۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى؛ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبلىك چۈشۈرۈۋېتىلىشى؛ رۇس تىك ئۇچارىنىڭ ئايروپىلاندىن سەكرىۋالغان ئۇچقۇچىنى ئىزدەش جەريانىدا سۈرىيەلىك ئىسيانچىلار تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلىشى قاتارلىقلار مىسال قىلىنىپ، ئەسەدنى قوللاشنىڭ رۇسىيەگە كۆتۈلمىگەن بەدەللەرنى تۆلەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

كولبېرت كىڭنىڭ ۋىلادىمىر پۇتىن سۈرىيە بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان پەيتلەردە دۆلىتىدە پۇل پاخاللىقى ۋە يوقسۇللۇقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، ئىقتىسادىنىڭ چېكىنگەنلىكى، غەرب ئىمبارگوسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئوينىغان رولى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ماقالىسىدە باشقا بىر يازغۇچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بەلكى بۇنىڭدىن 50 يىل كېيىن تارىخچىلار رۇسىيەنىڭ 2015- يىلىدىكى مۇداخىلىسىنىڭ پۇتىنىزمنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغانلىقىنى يېزىشى مۇمكىن» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر