كرېمىل: تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كۈنتەرتىپىمىزدە يوق

كرېمىل سارىيىنىڭ رىيا نوۋوستى (Ria-Novosti) ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، تۈركىيەدىن يېمەك – ئىچمەك ئىمپورت قىلىشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

393191
كرېمىل: تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كۈنتەرتىپىمىزدە يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا ئېمبارگو قويۇشنى ئويلاپ باقمىغانلىقلىرىنى، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەگە نىسبەتەن تۈركىيەدىن چۈشەنچە بېرىشنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئەمما، تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى قاتتىق تەكشۈرىمىز» دېدى. ئۇ تەكشۈرۈشلەرنى كۈچەيتىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دېكابىر ئېيىدىكى موسكۋا زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ مەسىلىدە تېخى ئېنىق نەتىجە چىقمىدى، ئەمما ھازىرچە زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق قارار يوق» دېدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى:
«مەن بۇ يەردە ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان دوستلۇقىمىزنىڭ، بىزلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىم كېرەك.»
تۈركىيە قوماندانلىق باش ئىشتابى ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ بەش مىنۇتتا 10 قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە F-16 ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
رۇسىيە ئايروپىلانى سۈرىيە تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر