كانادادا بىر جامە ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلىندى

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە بۇلان-تالان قىلىنغان مەسجىدى ئەل سالام جامە ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلىندى.

367768
كانادادا بىر جامە ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە بۇلان-تالان قىلىنغان مەسجىدى ئەل سالام جامەدە كۆرۈلگەن 80 مىڭ دوللارلىق زىيان ئۈچۈن خەلقتىن 110مىڭ دوللار ئىنائە يىغىلدى.
پارىژدا مەيدانغا كەلگەن تېررلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، تورونتونىڭ 120 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان پېتېربورۇگ رايونىدا 14-نويابىر كېچىسى بۇلان-تالان قىلىنغان مەسجىدى ئەل سالام جامە ئۈچۈن، دۇئان روسسېل ئىسىملىك بىر كانادالىق 16-نويابىردا ئىنتېرنېتتا ئىئانە يىغىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.
بۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە تۆت كۈن ئىچىدە 2970 كىشى ئاۋاز قوشتى. يىغىلغان ياردەملەر جامەگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان پېتېربوروگ كاۋارتا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بانكا ھېساۋاتىغا ئەۋەتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، مەسجىدى ئەل سالام جامەنى زىيارەت قىلغان تۈركىيەنىڭ تورونتو ئەلچىسى ئەردىن شەن، پېتېربوروگ كاۋارتا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى باشلىقى كېنزۇ ئابدۇللاھغا ئىككى پارچە قۇرئانى كەرىم ۋە 1000 كانادا دوللىرى قىممىتىدە چەك تەقدىم قىلدى. كونسول شەننىڭ زىيارىتىدە ئۇنىڭغا پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەد ھۇسەن، پاكىستان كونسولى ئەسقەر ئەلى غولو، فىرانسىيەنىڭ تورونتو كونسولى مارك تىرويېت بىلەن تۈرك جەمئىيىتى ئەزالىرىمۇ ھەھراھ بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر