جون كېررىي ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

367731
جون كېررىي ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئوتتورا شەرقتە زىيارەتتە بولىدۇ.
كېررىينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبى، تېل ئاۋىۋ، قۇددۇس ۋە راماللاھ قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جون كېرررىينىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىدىن باشقا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلەر، دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىك ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسلىلەر بار.
كېررىي ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكەن ئاي بېرلىندا كۆرۈشكەنىدى.
ئامېرىكا ھاكىمىيىتى مەسجىدى ئەقسا ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن دائىرلىرىنى رادىكال باياناتلارنى بېرىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر