فىرانسىيە باش ئىشتاب باشلىقى: دائېشنى ھەربىي كۈچ بىلەن يېڭىش تەس

فىرانسىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال پىئېررې دې ۋىللىئېرس قىسقا مەزگىل ئىچىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىن ھەربىي ئۇسۇل ئارقىلىق زەپەر قۇچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

420653
فىرانسىيە باش ئىشتاب باشلىقى: دائېشنى ھەربىي كۈچ بىلەن يېڭىش تەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال پىئېررې دې ۋىللىئېرس قىسقا مەزگىل ئىچىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىن ھەربىي ئۇسۇل ئارقىلىق زەپەر قۇچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

«Journal du Dimanche» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋىللىئېرس، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا 34 مىڭ ئەسكەرنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

دۆلىتىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەرگەن ۋىللىئېرس، «قىسقا مەزگىلدە دائېشنىڭ ئۈستىدىن زەپەر قۇچۇش مۇمكىن بولمايدۇ. ھەممە ئاخىرىدا بۇ توقۇنۇشنىڭ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئۇ دائېشقا قارشى كۈرەشتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «دائېش ھەممىمىز ئۈچۈن ئورتاق دۈشمەن، لېكىن، ھازىرغىچە دائېش نىشانلىرىنىڭ بېكىتىلىشى ياكى بومباردىمان قىلىنىشى جەھەتتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتمىدۇق» دېدى.

«ياۋروپا 1» رادىيوسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن فىرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى جېئىن يۋېس لې درىئانمۇ فىرانسىيەگە قارشى خىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىنىش خەۋپىنىمۇ نەزەرگە ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا، بۇ جەھەتتە كېرەكلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر