نىگېرىيەدە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

دۇنيا فىرانسىيەدىكى ھۇجۇملارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە نىگېرىيەدىن يېڭى بىر قانلىق ھۇجۇمنىڭ خەۋىرى كەلدى.

418537
نىگېرىيەدە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان يولا شەھىرىدىكى بىر كۆكتات بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا 32 ئادەم ئۆلدى، 80 ئادەم يارىلاندى.

ۋەقەنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ۋەقەنى بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بوكو ھارامنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا مەزكۇر رايوندىكى بىر جامەگە قاراتقان بومبىلىق ھۇجۇمىدا 27 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر