دائېش ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى
كورد كۈچلىرى تۈنۈگۈن ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتىروللۇقىدىكى سىنجار شەھىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانىدى، بۈگۈن شەھەر مەركىزىگە كىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىمۇ ھاۋادىن ياردەم بەرمەكتە.
دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى مەركىزى رەققە ۋە ئىراقتىكى مەركىزى مۇسۇل ئوتتۇرىسىدىكى تاش يولنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئۆتۈش ئېغىزىغا جايلاشقان سىنجار پەقەت ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىنلا ئەمەس، سىمۋوللۇق جەھەتتىنمۇ ناھايىتى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ.
ئاز سانلىق يەزىدىيلارنىڭ تارىخىي مەركىزى بولغان سىنجار 2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن، قانلىق تەشكىلاتنىڭ يېزىىديلارنى قەتلە قىلىشى ۋە خانىم – قىزلىرىلىغا باسقۇنچىلىق قىلىشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ سىنجاردىن كەلگەن قورقۇنچلۇق خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى.