ئوباما جادىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلارغا زىياپەت بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما بىلەن رەپىقىسى جادىلار بايرىمىدا بالىلارغا زىياپەت بەردى.

406436
ئوباما جادىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلارغا زىياپەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەپ كېلىنىۋاتقان جادىلار بايرىمى بۇ يىلمۇ رەڭدار پائالىيەتلەر ۋە نومۇرلارغا سەھنە بولدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما بىلەن رەپىقىسى ئاق ساراينىڭ باغچىسىدا بالىلارغا زىياپەت بەردى.
ناھايىتى چىرايلىق كىيىنىۋالغان بالىلار ئاق ساراينىڭ باغچىسىنى تولىمۇ رەڭدار قىلىۋەتتى. ئوباما جادىلار بايرىمى ئۈچۈن مەخسۇس بېزەلگەن ئاق سارايدا كۈتۈۋالغان بالىلارغا كەمپۈت بىلەن شاكىلات بەردى.
مېكسىكىدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە مەشھۇر ئامېرىكىلىق قۇرۇلۇش بىناكارچىسى دونالاد تىرامنىڭ كىيىملىرى بازارغا سېلىندى.
ئامېرىكىدا پىرىزېدېنتلىق سايلاملىرىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتلىرىدىن بولغان تىرامپنىڭ كىيىملىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ناسا جادىلار بايرىمى ھەققىدە قىزىقارلىق ۋە جەلپ قىلارلىق خەۋەر ئېلان قىلدى. ناسا باش سۆڭىكىگە ئوخشاش بىر مېتېئورنىڭ دۇنيا ئاتموسفېراسىغا كىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مېتېئور ئاتموسفېراغا كىرگەندىن كېيىن كۆيۈپ پارچىلىنىپ كېتىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر