ئەسەد ئەسكەرلىرى تۈركمەن يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى

سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كۈچلىرى لازىقىييە تاغلىق رايونىدىكى تۈركمەن يېزىلىرىغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

406733
ئەسەد ئەسكەرلىرى تۈركمەن يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد ئەسكەرلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تۈركمەن تېغى رايونىنىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان. قاپاقلى يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا تۈركمەن كۈچلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندا توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بەزىدە خېلىلا شىددەتلىنىپ كەتمەكتە ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، مەھەللىي مەنبەلەر ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ جەبەل ئەلئەكرادتىكى جۇببۇلئەھمەر يېزىسىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، مىناغا بېسىۋالغان 15 سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر