خىتاي، كورېيە ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى قارار قىلدى

خىتاي، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىغىن چاقىرىپ مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.

361505
خىتاي، كورېيە ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى قارار قىلدى

جەنۇبىي كورىيە، خىتاي ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پايتەخت سېئۇلدا ئۇچراشتى.
جەنۇبىي كورېيە پىرىزېدېنتى پارك گىئۇن خاي، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابى قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى كۈچەيتىش، تارىخ ۋە زېمىن ئىختىلاپلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سوغۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى قارار قىلىشتى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئۈچ دۆلەت تارىخ بىلەن يۈزلىشىپ، كېلەچەككە مەركەزلىشىپ، مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»
باياناتتا يەنە يىغىندا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللار پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇزاكىرىلەرنى «تىنچ يول بىلەن» قايتىدىن باشلاش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى. جەنۇبىي كورېيە، خىتاي ۋە ياپونىيە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2012-يىلى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرغانىدى.
ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابېنىڭ ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن 2 يېرىم مىليون كىشىگە ئاتاپ ياسالغان توكيودىكى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىشى، خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى كۆتۈرۈپ قوپۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى توختىتىپ قويۇلغانىدى.
پارك بىلەن لى كېچياڭ تۈنۈگۈن كۆرۈشكەندە يىل ئاخىرىغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.
رەھبەرلەر يەنە جەنۇبىي كورېيەدىن خىتايغا يېمەك-ئىچمەك ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇش، سانائەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر