جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى كېلىشتى

جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش بويىچە كېلىشتى.

361482
جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە، خىتاي ۋە ياپونىيە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زېمىن ۋە تارىخنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان يىرىك مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشىش، سۆھبەتنى ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەزمۇن قىلغان سۆھبىتى ئاخىرلاشتى. يىغىن ئارىدىن ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈن (يەكشەنبە) سېئولدا چاقىرىلدى. ياپونىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئىككى قوشنىسى بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىسى 2012- يىلى ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن چېكىنىپ كەتكەنىدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ تارىخقا بىۋاسىتە كۆكرەك كېرىپ، كېلەچەككە يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. بېيجىڭ بىلەن سېئول، ئابېغا ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە سادىر قىلغان قورقۇنچلۇق قىلمىشلىرىنىڭ سالمىقىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشماقتا، دەپ قارىماقتا.

مەزكۇر ئۈچ دۆلەت يەنە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە مەركەزلىشىش ۋە توختاپ قالغان شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق سۆھبەتنىڭ باشلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىش توغرىسىدىمۇ كېلىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر