سەئۇدى ئەرەبىستان: بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدە كېلەچىكى يوق

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئادىل ئەلجۇبەير بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدە كېلەچىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

403398
سەئۇدى ئەرەبىستان: بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدە كېلەچىكى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئادىل جۇبەير ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە يىغىنىدىن بۇرۇن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشنى باشلىغان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ بىلەن رىيادتا كۆرۈشتى.
ئۇ بەششار ئەسەدنىڭ قانۇنىي ئورنىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ئۇنىڭ سىياسىي ياكى ھەربىي يوللار بىلەن كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بەششار ئەسەدنىڭ قولى قانغا مىلەشتى. ئۇ 150 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە، 12 مىليون ئادەمنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا، ئىراندىن كەلگەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە ھىزبۇللاھ قاتارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىشغال كۈچلىرى سۈپىتىدە سۈرىيەگە كىرىشىگە مەسئۇل» دېدى.
ئۇ ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «سۈرىيە» تېمىلىق يىغىن توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش نىيىتىنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدىغانلىقلىرىنى؛ ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدىغان يىغىنلاردا بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ بەششار ئەسەدنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىغا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە: «ئۇنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى مەيدانىمىز ئۆزگەرمىدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر