ئوباما 14 – نويابىر كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئانتاليادا چاقىرىلىدىغان 20 – گ گۇرۇھى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن 14 – نويابىر كۈنى تۈركىيەگە كېلىدۇ

358890
ئوباما 14 – نويابىر كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوبامانىڭ 14 – نويابىردىن 22 – نويابىرغىچە تۈركىيە، فىلىپپىن ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «پىرېزىدېنت ئوباما تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچلۈك، سىجىل ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلىرى تەشۋىق قىلىنىدىغان 20 – گ گۇرۇھى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ» دېيىلدى.
ئوبامانىڭ، فىلىپپىندە چاقىرىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى، مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنى ھەمدە شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر