سەئۇدى شاھزادىسى 2 توننا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تۇتۇلۇپ قالدى

سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىلىرىدىن ئابدۇلمۇھسىن بىن ۋەلىد بىن ئابدۇلئەزىز زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ لىۋاندا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

400902
سەئۇدى شاھزادىسى 2 توننا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تۇتۇلۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىلىرىدىن ئابدۇلمۇھسىن بىن ۋەلىد بىن ئابدۇلئەزىز زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ لىۋاندا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ۋەقە ۋەلىد بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا قاراپ ئۇچۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئەسنادا رەفىق ھەرىرى خەلقئارا ئايرودرومىدا مەيدانغا كەلدى.

شاھزادە ۋە ھەمرالىقىدىكى 4 كىشىنىڭ سومكىلىرىدىن كۆپ مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك چىقتى. ئالاقىدار ئەمەلدارلار قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 2 توننا كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لىۋاننىڭ پايتەختىدىكى رەفىق ھەرىرى خەلقئارا ئايرودرومى تارىخىدا تۇنجى قېتىم بۇنداق زور كۆلەملىك زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دېلوسىنى پاش قىلىش ھەرىكىتىگە سەھنە بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر