دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نىگېرىيەنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نىگېرىيەنى بالىلار پالەچ كېسەللىكى كەڭ تارقالغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى.

401146
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نىگېرىيەنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا كۆرە، ئۇدا 15 ئاي بالىلار پالەچ كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نىگېرىيە بالىلار پالەچ كېسەللىكى كەڭ تارقىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
شۇنىڭ بىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بالىلار پالەچ كېسەللىكى كەڭ تارقىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە پەقەت پاكىستان بىلەن ئافغانىستانلا قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر