«ئەسەد ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە جازالاندۇرۇلسۇن»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىرانسىيەنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد قاتارلىق ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

397931
«ئەسەد ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە جازالاندۇرۇلسۇن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىنتېرنېت تور بېتىدە قانات يايدۇرۇۋاتقان «فىرانسىيەدە ئۇرۇش جىنايەتچىچىلىرىنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا خاتىمە بېرىلسۇن» تەرىقىسىدىكى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆز دۆلەتلىرىدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىپ، فىرانسىيەگە كېلىش ئېھتىماللىقى بارلارنىڭ جازالاندۇرۇلۇشىنى نىشان قىلماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى توغرۇلۇق ئىنتېرنېت تور بېرىدە ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدېئودا، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ فىرانسىيەنى تاللىشى يۇمۇرلۇق قىلىپ تەنقىد قىلىنماقتا، ۋىدېئودا خىيالى بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ ئېلانىدا فىرانسىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى تەتىل قىلىدىغان ئارامگاھ سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلماقتا. بىر قىسىم ئۇرۇش جىنايەتچىسى لىدەرلەر تەسۋىرلەرگەن ۋىدېئودا، بەششار ئەسەدنىڭ ھەلەبتە قەتلىئام يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
ئىنتېرنېت تور بېتىدىكى باش مىنىستىر مانيۇئېل ۋالسقا يېزىلغان مەكتۇپتا، فىرانسىيە قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلارنى جازالاندۇرۇشتا يېتەرسىز قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە، فىرانسىيەنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ دۇنياۋىلىق پىرىپسىپىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر