ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ماجراسى كۈچىيىشكە باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي دېڭىز ھاۋا تەۋەلىكىدىكى ئۇچۇش ھەرىكەتلىرى «ئادىل ۋە قانۇنىي» دەپ، بايانات ئېلان قىلدى.

357243
ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ماجراسى كۈچىيىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاش – تارتىشلىق ئاراللار جايلاشقان شەرقىي دېڭىز ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقان خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئادىل ۋە قانۇنىي» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ياپونىيە ئېلان قىلغان «2014 – يىلدىن باشلاپ خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىختىلاپلىق ئاراللار جايلاشقان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇچۇشنى كۆپەيتكەنلىكى، بۇنىڭغا قارشى ياپونىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى» توغرىسىدىكى باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئۇچۇشىنىڭ «ئادىل ۋە قانۇنىي» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ ياپونىيەنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشنى، خىتاينى نىشان قىلغان توسقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىشنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى چاقىرىق قىلدى.
خىتاي «دياۋيۈ»، ياپونىيە «سېنكاكۇ» دەپ ئاتايدىغان شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلاپى بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر