فىلىپپىندە 2 خىتاي دىپلومات ئۆلتۈرۈلدى

فىلىپپىننىڭ جېبۇ شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىرى مۇئاۋىن كونسۇل، يەنە بىرى مالىيە مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئىككى خىتاي دىپلومات ئۆلدى.

395999
فىلىپپىندە 2 خىتاي دىپلومات ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان خىتاي پۇقراسى بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇجۇمنى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بارغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
مەركىزىي خوڭكوڭغا جايلاشقان «‹ Phoneix › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زوراۋان فىلىپپىننىڭ جېبۇ شەھىرىدىكى Lighthouse رېستورانىدا 2 دىپلومات بىلەن بىرلىكتە تاماق يىگەن، شۇڭا ۋەقە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئانچە ئوخشىمايدىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىمۇ بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر