ياۋروپا ئەرمەن دەۋالىرىنى رەت قىلدى

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەن دەۋالىرىنى رەت قىلىشنىڭ جىنايەت ھېسابلانماسلىقى توغرىسىدا قارار چىقاردى.

392804
ياۋروپا ئەرمەن دەۋالىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى رەت قىلىشنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكى توغرىسىدا قارار چىقاردى. مەزكۇر قارار «ئەڭ ئاخىرقى قارار» بولۇش مەنىسىگە ئىگە. بۇ دەۋا 2005 – يىلى شىۋېيتسارىيەدە 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغان تۈركىيە ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك تەرىپىدىن 2008 – يىلى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئىدى. شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى دوغۇ پەرىنچەك 2013 – يىلى بۇ دەۋادا ئۇتقاندىن كېيىن، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە قايتا ئەرز سۇنغان ئىدى.
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ بۈگۈن (15 – ئۆكتەبىر) كى سوتىدا، دوغۇ پەرىنچەكنىڭ «ئەرمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىمپېرىيالىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە يالغانچىلىقتۇر» دېگەن سۆزلىرى سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلىشىنىڭ، پىكىر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلدى.
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ بۇ «ئاخىرقى قارارى» ياۋروپادىكى پىكىر ئەركىنلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ مۇھىم ئاساسىقا ئىگە بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر