ئەسەد رۇسىيەدىن كۈچ ئېلىپ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى

ئەسەد قىسىملىرى رۇسىيە سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئۆكتىچىلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

389779
ئەسەد رۇسىيەدىن كۈچ ئېلىپ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئەسەد ئۆكتىچىلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.
ھامانىڭ شىمالىغا جايلاشقان رايونلاردا ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.
بەزى كۈچلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىدلىبتىن ھاماسقا قاراپ ئىلگىرىشىگە توسالغۇ بولماقتا. شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان ھامادا نۇرغۇن ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ھەربىي ماشىنىلار ئىشلىتىلمەكتە. ئەسەد قىسىملىرى ھاماسنىڭ شىمالىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 16 تانكا، 4 ھەربىي ئاپتوموبىلنى بىتچىت قىلىۋەتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى ئەلى ئابدۇللاھ ئەيۇپ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى رۇسىيەنىڭ ئەسەد قىسىملىرىغا ياردەم بەرگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ھۇمۇسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زافارانىيە رايونلىرى بىلەن ھامانىڭ شىمالىغا مەركەزلەشمەكتە. سۈرىيەنىڭ غەربىگە قاپسىلىپ قالغان ئەسەد قىسىملىرى شىمالدا ھالەپنىڭ مەركىزى بىلەن غەربىي شىمال رايونىغا جايلاشقان لازىقىيەدىن غەربىي جەنۇبتا دەمەشىققىچە سوزۇلىدىغان لىنىيەنى تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر