ئافغانىستان پىرېزىدېنتى: قۇندۇزنى تالىباندىن قايتۇرۇۋالدۇق

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف گانى قۇندۇز شەھىرىنى تالىباندىن قايتۇرۇۋالغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

386489
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى: قۇندۇزنى تالىباندىن قايتۇرۇۋالدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانى، پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، قۇندۇز شەھىرى تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن نۇرغۇن ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەنلىكلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. گانى، قۇندۇز تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، 3 كومىتېتقا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانلىقىنى، بۇ كومىتېتلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەردىمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەشرەف گانى، تالىباننىڭ ھازىرمۇ پاكىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن خەۋپسىرەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. 28 – سېنتەبىر دۈشەببە كۈنى تالىبان ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۈزلەرچە مىلىتانلىرى بىلەن قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىگە ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان، قاتتىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن رايوننىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، ئارقىدىنلا ئافغانىستان ئارمىيەسى رايوندا ھەم قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر