رۇسىيە شۇبھىلەرنىڭ كۈلەڭگىسىدە مەھەللىي سايلام ئۆتكۈزدى

رۇسىيەدىكى مەھەللىي سايلاملار ‹ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە مۇستەقىل كۈزەتكۈچىلەرگە بېسىم قىلىنغانلىقى› توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۈلەڭگىسىدە ئۆتتى.

349273
رۇسىيە شۇبھىلەرنىڭ كۈلەڭگىسىدە مەھەللىي سايلام ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىبېرال ئۆكتىچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر رايوندىن باشقا جايدا نامزات كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان بۇ قېتىمقى سايلامدا پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن تەرەپدارى بىرلەشمە رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

83 رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سايلامنىڭ نەتىجىسىدە ۋالىيلار ۋە مەھەللىي مەجلىسلەر بېكىتىلىدۇ.

نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققىتى لىبېرال ئۆكتىچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان كاستىروما شەھىرىنىڭ سايلام نەتىجىلىرىگە مەركەزلىشىپ قالدى.

بىر مۇستەقىل سايلامنى كۈزىتىش گۇرۇپپىسى سايلاملاردا 1400 سايلامغا ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ساقچىلار سايلام كۈزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كاستىرومادىكى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر