خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى

بېيجىڭ دائىرىلىرى بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا راست ئوق – دورىلارنى ئىشلىتىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

377478
خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مانىۋېرى جۈمە كۈنىدىن تارتىپ 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشتىن قەتئىي يالتىيىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپلا تۇرىدۇ.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەيۋەننىڭ ھازىرقى رەئىسى مايىڭجۇ دەۋرىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغان، سودا – ئىقتىساد ساھەسىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كۈچلۈك شۈبھىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرغا ئالاقىدار باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.

تەيۋەن تەرەپ ھازىرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانىۋېر ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر