رۇسىيە سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلماقتا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن جۈمە كۈنى دائېشقا قارشى كۈرەشكە ھەسسە قوشۇشى ئۈچۈن رۇسىيە قىسىملىرىنى سۈرىيەدە تۇرغۇزۇش تۇغرۇلۇق سۆز قىلغان ئىدى.

376184
رۇسىيە سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسى بولغان تۇرۇغلۇق رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە ھەرخىل بويۇملارنى يۆتكىشى ئۈچۈن ئايرودۇرۇمنى ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ تەلەپ ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن جۈمە كۈنى دائېشقا قارشى كۈرەشكە ھەسسە قوشۇشى ئۈچۈن رۇسىيە قىسىملىرىنى سۈرىيەدە تۇرغۇزۇش تۇغرۇلۇق سۆز قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىمۇ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى سەرگېي لاۋروۋغا تېلېفون قىلىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە كۈنسىرى ئېشىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك قوللىغۇچىسى بولۈپ كېلىۋاتقان رۇسىيە، دائېشقا قارشى كۈرەشتىمۇ ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بىرلەشمە قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر