«سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىش ئەنگلىيەنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى»

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، «سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە ھەسسە قوشۇش ئەنگلىيەنىڭ ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىدۇر» دېدى.

342791
«سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىش ئەنگلىيەنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېمىرىن، ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە يەنە 100 مىليون پوند ستېرلىڭ ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن بىلەن ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو رېجوي، نۆۋەتتە ياۋروپا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن كېمىرىن بىلەن رېجوي قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
كېمىرىن يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تارىخىي مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، شۇڭا ئەنگلىيەنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئوتتۇرا شەرقتىكى لاگېرلاردا ياشاۋاتقان قانچە ئون مىڭلىغان سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
كېمىرىن، «ئىنسانلار يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ئاقدېڭىز سەپىرىنىڭ پاجىئەلىك ئاخىرلىشىشىغا خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
ئىسپانىيە باش مىنىستىرى رېجوي بولسا، «قانۇنىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر