ئىران يادرو كېلىشىمنى قوللايدىغان پالاتا ئەزاسى 31 گە يەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغان پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى 31 گە يەتتى.

373287
ئىران يادرو كېلىشىمنى قوللايدىغان پالاتا ئەزاسى 31 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋام پالاتا ۋە يۇقىرى پالاتادا كۆپ سانلىققا ئىگە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن باشقا بىر قىسىم دېموكراتچىلارمۇ يادرو كېلىشىمىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. پىرېزىدېنت باراك ئوباما بولسا، دۆلەت مەجلىسى كېلىشىمنى رەت قىلىدىغان بىرەر لايىھەنى ماقۇللىغان تەقدىردە ئۇنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى رەت قىلىش لايىھەسىنى ئۈچتە ئىككى كۆپ سانلىقنىڭ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە ماقۇللىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوبامانىڭ رەت قىلىش سالاھىيىتى كۈچكە ئىگە بولماي قالىدۇ.

پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن 100 ئورۇندۇقلۇق پالاتادا 34 پالاتا ئەزاسىنى، 435 ئورۇندۇقلۇق ئاۋام پالاتادا بولسا، 146 ئەزانى قايىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېلىشىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ئۈچۈن 17- سېنتەبىرگىچە ۋاقتى بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر