خىتايدا گازدىن زەھەرلىنىپ 7 كىشى ئۆلدى

خۇنەن ئالكىسىنىڭ قەغەز زاۋۇتىدا بىر ئىشچى تاشلاندۇق قەغەز خىمىرى كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۇ ۋە ئۇنى قۇتقازماقچى بولغان 6 خىزمەتدىشى گازدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ۋەقەدە ئىككى ئىشچى يارىدار بولغان.

371396
خىتايدا گازدىن زەھەرلىنىپ 7 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا قەغەز زاۋۇتىدا ئىشلەيدىان 7 نەپەر ئىشچى گازدىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خۇنەن ئالكىسىنىڭ قەغەز زاۋۇتىدا بىر ئىشچى تاشلاندۇق قەغەز خىمىرى كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۇ ۋە ئۇنى قۇتقازماقچى بولغان 6 خىزمەتدىشى گازدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ۋەقەدە ئىككى ئىشچى يارىدار بولغان.
يەرلىك مەسئۇللار ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ۋە زاۋۇتقا تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر سانائەت پاجىئەلىردىن بىرىنى ئۆتكەن ھەپتە باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.
تىئەنجىن پورتىدىكى خىمىيەۋىي ماددىلارنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە ھازىرغا قەدەر ئۆلگەنلەرنىڭ سانى رەسمىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 146 گە چىققان. ئىز - دەرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 24 دەپ بىلدۈرۈلمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر