تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى: شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن

تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى گومىنداڭ پارتىيەسى ئەزاسى لىيەن جەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

370217
تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى: شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى گومىنداڭ پارتىيەسى ئەزاسى لىيەن جەن بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹ئاسىيادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى› گە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىيەن جەننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تەيۋەندە تەنقىدلەشكە ئۇچرىدى؛ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بېيجىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ پارتىيەسىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش تەرەپدارى ئۆكتىچى ئىلغار دېموكراتىيە پارتىيەسى ئالدىدىكى ئەۋزەللىكلىرىنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولۇش قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر