ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدىكى ھەربىي بازىسىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى بىر ھەربىي لازىمەتلىكلەر ئامبىرىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى.

340115
ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدىكى ھەربىي بازىسىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيوغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان ساگامىخارا ھەربىي لازىمەتلىكلەر ئىسكىلاتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

مەزكۇر بازىدىكى ئىسكىلاتتا نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاممىياك بار، دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئوت كەتكەن ماددىلارنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى ھازىرغىچە جەزملەشتۈرۈلمىدى.

ئوتنىڭ بازىدىكى باشقا بىنالارغا تۇتۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ئىسكىلاتتىكى پارتلاشلارنىڭ 15 مىنۇت بويىچە توختاۋسىز داۋاملاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىلىق ئالاقىدار ئەمەلدارلار، كۈندۈزى 200 ئادەم ئىشلەيدىغان مەزكۇر ئىسكىلاتتا كېچىسى ھېچكىمنىڭ تۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەككى، پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

نۆۋەتتە پارتلاشنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر