ئەسەد كۈچلىرى يەنە ۋاكۇئۇم بومبىسى بىلەن قەتلىئام يۈرگۈزدى

ئەسەدكە قاراشلىق ئايروپىلانلار دەمەشىقنىڭ شەرقىي غۇتەنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى دۇمانى يەنە بومباردىمان قىلدى.

339163
ئەسەد كۈچلىرى يەنە ۋاكۇئۇم بومبىسى بىلەن قەتلىئام يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد يەنە قەتلىئام يۈرگۈزدى؛ ئەسەدكە قاراشلىق ئايروپىلانلار دەمەشىقنىڭ شەرقىي غۇتەنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى دۇمانى يەنە بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بۇ ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دۇماغا قاراتقان ئاۋغۇست ئېيى ئىچىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ بىر ئاھالىلەر رايونىغا ۋاكۇئۇم بومبىلىرى بىلەن قىلىنغان ئاخىرقى قېتىملىق ھۇجۇمنى قوشقاندا، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 177 گە يەتتى. بىنالارنىڭ خارابىلىكلىرى ئارىسىدىن جەسەتلەر چىقىرىلماقتا، يارىدارلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر...

تېخى يېقىندىلا ئەسەد كۈچلىرى دۇمادىكى بىر بازارنى بومباردىمان قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە ئۇ ھۇجۇمغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئۇرۇش جىنايىتى، دەپ باھا بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر