كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى كېڭەشنىڭ ئەكسىچە كەسكىنلەشمەكتە

كورىيە يېرىم ئارىلىدا بىر تەرەپتىن تىنچلىق سۆھبتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەزىيەت كەسكىنلەشمەكتە.

339418
كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى كېڭەشنىڭ ئەكسىچە كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيىتىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كېڭەشلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە، بىراق يەنە بىر تەرەپتىن ۋەزىيەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.
جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيەنى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە زىيان بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى. جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورىيەنىڭ دېڭىز ئاستى پاراخوتلىرى بىلەن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ رادارلارغا چۈشمىگەنلىكىنى، شىمالىي كورىيە ئارمىيەسىنىڭ 1950-يىلدىكى ئۇرۇشتىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ھەرىكەتلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
بۇنىڭدىن سىرت، شىمالىي كورىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىر مىليون كىشىنىڭ ھەربىيلىككە بېرىش ئۈچۈن ھەربىي گازارمىلارغا سەلدەك بولۇپ ئاققانلىقلىرىنى بىلدۈردى. شىمالىي كورىيە دۇنيا بويىچە ئەسكەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئارىلىقتا، جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيەنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىگە قارشى بەزى چېگرا رايونلىرىدا يولغا قويغان جىددىي ھالەت بەلگىلىمىلىرىنى بېكار قىلىشىدىن كېيىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كەتكەن جەنۇبىي كورىيەلىكلەر قايتىشقا باشلىدى.
جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيە ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بىر-بىرلىرىگە توپ ئوقلىرى ئاتقان بولۇپ، جەنۇبىي كورىيەدە چېگرا رايونى ئاھالىلىرى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
پيوڭياڭ بىلەن سىئۇل ۋەقەدىن كېيىن چېگرىغا جايلاشقان بىر يېزىدا ئالىي دەرىجىلىكلەر سەۋىيەسىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر