سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ توقۇنۇشلىرى داۋاملاشماقتا

ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 10 تېررورچى ئۆلۈپ 14 كىشى يارىدار بولدى. پارتلاشتا 2 كوچا پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. نۇرغۇنلىغان بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.

334392
سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ توقۇنۇشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن پ ك ك ۋە پ ي د ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، تۈركىيە چېگراسىغا يىقىن كامىشلى ناھىيەسىدە، پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدىكى جايغا ئىنتايىن شىددەتلىك ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 10 تېررورچى ئۆلۈپ 14 كىشى يارىدار بولدى.
پارتلاشتا 2 كوچا پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. نۇرغۇنلىغان بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.
خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا 20 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا دائېشقا ئەزا تېررورچىلار ئەتەيازدىن تارتىپ كونتروللۇقىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان پالمىرا ئانتىك شەھىرىدە 84 ياشلىق بىر ئارخىئولوگىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ بېشىنى كېسىپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر