باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمى ئامېرىكىنى نارازى قىلدى

كىرباي، رۇسىيەنىڭ «S-300» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سودىسىغا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالدى.

334376
باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمى ئامېرىكىنى نارازى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي رۇسىيەنىڭ ئىرانغا « S-300» ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بېرىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
جون كىرباينىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئىرانغا سېتىپ بېرىش ئىشلىرىنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئەسلىتىپ، «بۇ ئىش ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كەڭ دائىرىلىك يادرو كېلىشىملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولامدۇ – قانداق؟» دەپ سورالدى.
كىرباي، رۇسىيەنىڭ بۇ سودىغا ئالاقىدار پوزىتسيەسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مەلۇملۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، « "S-300" تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئىرانغا يۆتكۈلىشىگە دائىر ئەندىشىلىرىمىز داۋاملاشماقتا. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز چون كىررىيمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگېي لاۋروۋغا ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەن ئىدى» دېدى.
كىرباي ئىرانغا بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ سېتىپ بېرىلىشىگە بولغان نارازىلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىسنى يىقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر