خىتايدا سەل ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەلىرى ئېغىر زىيان سالدى

رايوندىكى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئېلېكتىر يوق. قۇرۇغلۇق ۋە تومۇر يول قاتناشلىرى توختاپ كەتكەندىن باشقا يەنە نۇغۇن قېتىملىق ئايروپىلان سەپەرلىرىمۇ ئەمولدىن قالدۇرۇلدى.

332333
خىتايدا سەل ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەلىرى ئېغىر زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شىچۈەن رايونىدىكى شىددەتلىك يامغۇر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن سەل ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى 4 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.
جەمئىي 10 شەھەردە كۆرۈلگەن شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوران ئاپىتى 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. قانچە يۈزلىگەن كىشى ئۆيلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. رايوندا قىزىل سىگنال ئېلان قىلىندى.
سەل ئاپتىگە ئۇچرىغان رايونغا خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىن ئىچىدىغان سۇ، يېمەك – ئىچمەك ۋە ئەديال يوللاپ بېرىلدى.
نۇرغۇن ساندا ئۆي ۋە ئىش ئورۇنلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ئاپتومۇبىللار ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالدا كېلىپ قالدى.
رايوندىكى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئېلېكتىر يوق. قۇرۇغلۇق ۋە تومۇر يول قاتناشلىرى توختاپ كەتكەندىن باشقا يەنە نۇغۇن قېتىملىق ئايروپىلان سەپەرلىرىمۇ ئەمولدىن قالدۇرۇلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار يەكشەنبە كۈنى باشلانغان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ 10 مىليون دوللاردىن كۆپرەك ماددىي زىيان سالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر