يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا 94 ئادەم ئۆلدى، 150 ئادەم يارىلاندى

تەئىز شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرەپدارى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى بىلەن شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

330508
يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا 94 ئادەم ئۆلدى، 150 ئادەم يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەئىز شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرەپدارى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى بىلەن شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى ئارىسىدا تۈنۈگۈن تولۇق كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا 94 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 150 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەئىزدىكى ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) بىناسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئەسناسىدا ئۆلتۈرۈلگەن مەرگەنلەرنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى.

بۇنداق قىلىشنىڭ خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ئەخلاقىغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان خەلق قارشلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى كوردېناتسىيە كېڭىشى، ۋەقەنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ ۋە ھۇسىيلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاۋابكارلارنى جازالايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

تەئىز شەھىرىدىكى توقۇنۇشلاردىن كېيىن قەدىمىي قاھىرە قەلئەسى، ئىستىخبارات بىناسى ۋە ئەلئارۇس ھەربىي لاگېرى دېگەندەك بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك جايلارنىڭ خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر