نېتانياھۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى

ئەنگلىيەدە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.

331484
نېتانياھۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە باشلىغان ئىمزا يىغىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە بىردەمدىلا 65 مىڭ كىشى ئاۋاز قوشتى.
مەزكۇر تو بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىلتىماسنى دېمىيىن مۇرېن ئىسىملىك بىر كىشى يېزىپ چىقتى.
ئىلتىماستا «نېتانياھۇ بۇلتۇر 2000 كىشىنى قەتلى قىلىش ۋە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئەنگلىيەگە قەدەم باسقاندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەك» دېگەن سۆز-ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.
مەزكۇر ئىلتىماستىكى تەلەپلەرنى 100مىڭ ئادەم قوللاپ ئاۋاز قوشقان تەقدىردە، بۇ مەسىلەنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىش كەلمەسلىكى تالاش-تارتىش قىلىنىدۇ.
سېنتەبىر ئېيىدا ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىدىغان نېتانياھۇنىڭ دىپلوماتىك ئۈستۈنلۈك ھوقۇقى بار.
2008-يىلى ئەنگلىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى غەززەدە سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى قارار قىلغانىدى.
قولغا ئېلىنىش قارارىدىن كېيىن ئەينى دەۋىردىكى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىۋنى ئەنگلىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر