ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللىدى

ئاق ساراي، ئامېرىكىنىڭ «تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ساھەسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا قارشى ھۇجۇملىرى ئۈچۈن كوزېر قىلىۋالغانلىقى» غا قارىتا دەۋالارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

326818
ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېبى، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ئايرىم - ئايرىم مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
كېبى، دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
كېبى، «ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەر مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېدى.
كېبى، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، يېقىن دوستى ۋە كۈچلۈك شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئېچىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر