رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماق

رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

327345
 رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى خالىد خوجا بىلەن كۆرۈشتى.
لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى بىلەنمۇ تېلېفونلاشتى.
لاۋروۋ بىلەن كېرى تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق بىر سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
لاۋروۋنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى خالىد خوجا بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىمۇ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىر بايراق ئاستىدا بىرلىشىشى ۋە تېررورىزمقا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
لاۋروۋ، رۇسىيەنىڭ غەرب ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن خوجا، سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىدىن بەششار ئەسەدنىڭ ئورۇن ئېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.
موسكۋا سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىغا ئىزچىل قارشى چىقماقتا.
رۇسىيە ئىراق، سۈرىيە ۋە كۈرت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن رايونلۇق كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر